تۈركىيەدە يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ باشلانغان «بىر قەلب» ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى. شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 95 مىڭ دوللار، مەدىنە بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار 40 مىڭ دوللار بولۇپ، جەمئىي 135 مىڭ دوللار (ئىككى مىليون 546 مىڭ لىرا) ئىئانە قىلدى.