خىتاي ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ئاستىدا جىنايەتلىرىنى ئاقلىدى

15-فېۋرال شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئادالەت، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى ۋە خىتايدىن مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ۋە چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي يىغىنغا خەلقئارا جەمئىيەتنى يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئالداش ئۈچۈن، ەلخەخىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورگان، مىنىستىرلىقلارنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن كۆپ كىشىلىك بىر ئۆمەكنى ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىن داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدا ياۋروپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلارنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن مەزكۇر يىغىن بىناسى ئالدىدىلا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ب د ت مۇتەخەسسىسى رودىرىك ھېنىبېل خىتاي ۋەكىللىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنىشى، ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىش، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ۋەكىللىرى مەزكۇر سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە ئىلگىرى خەلقئارا سەھنىلەردە جاۋاب بەرگىنىگە ئوخشاشلا يادلىۋالغان سۆز-جۈملىلەرنى تەكرارلاپ، دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇ مەزكۇر يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، 10 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋە لاگېر شاھىتلىرى قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا سۆز بېرىلمىگەن. 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر، ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2023 22:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق