قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 16 مىليون تەڭگە ئىئانە قىلدى

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى قازاقىستان خەلق مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە 16 مىليون تەڭگە ئىئانە قىلدى.

15-فېۋرال قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئالمۇتادىكى باش كونسۇلخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەپ گۈل تەقدىم قىلدى ۋە تۈركىيە خەلقىدىن ھال سورىدى. باش كونسۇل ئەلى رىزا ئاكىنجى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى مەخسۇس كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋە قازاقىستان خەلق مەجلىسىنىڭ ئەزاسى دولقۇنتاي ئابدۇخەلىل ھال سورىدى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن: «تۈركىيەدە يۈز بەرگەن پاجىئە ھەممىمىزدە زور ئەندىشە ۋە تەسىر قوزغىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن بىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە ماتەم تۇتىمىز ۋە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.

باش كونسۇل ئەلى رىزا ئاكىنجى قېرىنداشلىرىنىڭ پاجىئەسىگە قاراپ تۇرماستىن ياردەم قولىنى سۇنغان قازاقىستاندىكى بارلىق پۇقرالارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئاپەتتىن كېيىنلا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوفنىڭ ئىئانە توپلاش چاقىرىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزى تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەرقانداق قازاقىستانلىق ياردەم بېرەلەيدىغان ھېسابات بىلەن تەمىنلىگەن. نەتىجىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 16 مىليون 96 مىڭ 17 تەڭگە توپلانغان. مەزكۇر مەبلەغ باش كونسۇلنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى بولغان AFAD نىڭ رەسمىي ھېساباتىغا يۆتكەلگەن.

كۆرۈشۈش ئاخىرىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىئانە بىلەن بىللە تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە مەكتۇپى تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا ئاتاپ گۈل تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، رەسمىي تەزىيە دەپتىرىگە ئۆز تۇيغۇلىرىنى يازدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2023 22:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق