تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاپەت رايونىغا بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ تەشكىللەنگەن «بىر قەلب» ئىئانە پائالىيىتىگە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى ۋە يەتتە مىليون لىرا قىممىتىدە قۇتقۇزۇش، ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشكە ۋەدە قىلدى.

6-فېۋرال قەھرىمانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە 10 ۋىلايەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىلىرى ئالدىنقى سەپتە، ھەم ئارقا سەپتە ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ بەس-بەستە ياردەم سەپەرۋەرلىكى قانات يېيىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە خەلقىمۇ تۇنجى كۈندىن باشلاپلا ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەرىجىدە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزمەكتە.

15-فېۋرال تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو قاناللىرى بىرلىكتە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاپەت رايونلىرى ئۈچۈن «بىر قەلب» ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ بايلاردىن، سەنئەتچىلەردىن باشلاپ، پۇل قۇتىسىدىكى پۇللىرىنى ھەدىيە قىلغان ئەڭ كىچىك بالىلارغىچە بولغان مىليونلىغان كىشى بۇ سەپەرۋەرلىككە ئاۋاز قوشۇپ قېرىنداشلىق مېھرىنى، تۈرك خەلقنىڭ سېخىيلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا ئۇلانغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىرلىك نامىدىن، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى ۋە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون لىرا قىممىتىدە چېدىر، يېمەكلىك، تازىلىق ماتېرىياللىرى، ئەدىيال، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈشكە ۋەدە قىلدى.

شۇنداقلا تۇنجى كۈندىن باشلاپلا يۈزلىگەن پىدائىيلار بىلەن ئاپەت رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى نۆۋەتتە قىلىۋاتقان تۈرلۈك ياردەملىرىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر مىليون 357 مىڭ لىرا ئىئانە قىلدى.

بۇ سەپەرۋەرلىككە تۈركىيەدىكى ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە شەخسلەردىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشماقتا ۋە قولىدىن كەلگەن ياردەملەردە بولماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىئانە پائالىيىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر 115 مىليارد 100 مىليون لىرا ئىئانە توپلانغان. ئۇندىن باشقا پائالىيەت داۋامىدا ھەر بىرى 50 لىرا قىلىپ بەلگىلەنگەن قىسقا ئۇچۇردىن 9 مىليوندىن ئارتۇق يوللانغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1132 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2023 21:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق