فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس 14-فېۋرال خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت ماركوس خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەننى چاقىرتىپ، خىتاينىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارغا قاراتقان ھەربىي لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن ئارمىيەسى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى فىلىپپىننىڭ كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتىغا لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوت خادىملىرىنى قىسقا ۋاقىت كۆرمەس قىلىپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ سەيشەنبە كۈنى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي پاراخوتلىرىدىن تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەن فىلىپپىننىڭ نارازىلىقىغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالماستىن، كۆرۈشۈشتە پىرېزىدېنت ماركوس بىلەن ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ