خىتاي ئىلگىرى چەكلىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى 27 خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ چېگرا سىرتى ساياھىتى كەسپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپى جەمئىيىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە 27 خەلقئارالىق كوپىراتىپنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش كەسپىنى قىلىشىغا تەدرىجىي رۇخسەت قىلغان. نۆۋەتتە قىش پەسلىدە چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان جايلار تايلاندنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەخمىنەن %65 نى ئىگىلەيدىكەن. رۇسىيە قاتارلىق لىنىيەلەردىمۇ ساياھەتچىلەر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۆمەك بىلەن ساياھەت قىلىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش، كوپىراتىپ ئايروپىلان ۋە مېھمانخانا ئورۇنلاشتۇرغان يېرىم ئەركىن ساياھەت، ئايروپىلان ھۆددىگە ئالغان ئۆمەكتىن باشقا، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ چېگرادىن چىقىش ئۆمىكى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-فېۋرالدىن ئېتىبارەن خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى خىتاي بويىچە ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە تور ساياھەت كارخانىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بېرىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق 20 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى پائال تەييارلىق كۆرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىرلىكتە خېرىدار قوبۇل قىلىپ ئۆمەك تەشكىللىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆمەك تەشكىللەش تۈرلىرىمۇ 3-ئايدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدىكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى» ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساياھەت كوپىراتىپلىرى چېگرادىن چىقىپ ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، تەشكىللىك ھالدا ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلگە بۆلۈپ يولغا قويۇلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2023 21:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق