ئاۋسترالىيە خىتايدا ئىشلەنگەن كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا ئىشلەنگەن كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئاۋسترالىيە سىياسىيونلىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرلىقى خىتايدا ئىشلەنگەن 65 كۆزىتىش كامېراسىنىڭ سىياسىي ئەربابلار ئىشلىتىدىغان ئىشخانىلارغا ئورنىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن بولۇپ، مىنىستىرلىق مەزكۇر كامېرالارنى ئاستا-ئاستا ئالماشتۇرۇشقا باشلىغان، ئەمما 40 يۈرۈش كامېرانى يەنىلا ئېلىۋېتىش كېرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 4-ئايدىن ئىلگىرى ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ياسالغان كەم دېگەندە 913 دانە كامېرا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىق 250 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارس ئالدىنقى ھەپتە ئاممىۋى رادىيو شىركىتىگە قىلغان سۆزىدە ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەنگەن بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خىتاي ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي كامېرالىرىنى ئېلىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاۋسترالىيەنى دۆلەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، خىتاي شىركەتلىرىنى كەمسىتكەنلىكى ۋە باستۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ جار سالدى.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە خىتايدا ئىشلەنگەن كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى سەزگۈر ئورۇنلارغا خىتايدا ياسالغان كامېرا ئورنىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 552 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2023 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق