خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىئانە يىغىش پائالىيىتىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن بىر مىليون لىرا ئىئانە قىلدى ۋە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون لىرا قىممىتىدە قۇتقۇزۇش، ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشكە ۋەدە قىلدى.