ئامېرىكا ئارمىيەسى خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ قالدۇقلىرىنى يىغىۋالدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ ھالقىلىق ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندىن سېنزور قاتارلىق زور مىقداردا قالدۇق توپلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىشتىن ئىلگىرى بىر ھەپتە ئامېرىكا ۋە كانادا ئۈستىدە ئۇچقانىدى ۋە 4-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى كارولىنا ئىشتاتى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچىدىغان كۆزىتىش سىستېمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

كىربى 4-فېۋرال ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقالغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئېگىز بوشلۇقتا كۆزىتىش سىستېمىسىغا ئىگە جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، چەت ئەل ئاخبارات توپلاش پائالىيەتلىرىگە ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلار بولغانلىقى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاينىڭ بۇ پىروگراممىسى تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىمۇ كۈچكە ئىگە ئىدى. ئەمما بۇنى تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەمەس، بىز ئېنىقلاپ چىقتۇق» دېگەن.

كىربى: «خىتاينىڭ كۆزىتىش شارلىرى نۇرغۇن قىتئەلەردىكى ئون نەچچە دۆلەتتىن ئۇچۇپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزمۇ بار» دېگەن ۋە بۇ كۆزىتىش شارلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئىشلىتىدىغان باشقا ئىستىخبارات سۇپىلىرىنى چەكلىك قوشۇمچە ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىربى يەنە بايدېننىڭ بۈگۈن مەخسۇس بىر ئەترەتنى بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان نامەلۇم ھاۋا جىسىملىرىنى بايقاش، تەھلىل قىلىش ۋە يوقىتىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ۋەزىپىلەندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكىنىڭ كۆزىتىش شارى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق