ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئېگىز بوشلۇقتا كۆزىتىش سىستېمىسىغا ئىگە جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، چەت ئەل ئىستىخبارات توپلاش پائالىيەتلىرىگە ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلار بولغانلىقى سەۋەبلىك، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (AA)