ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مىنىستىرلىقى خىتايغا تەۋە 232 ئەپنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 138 ئەپنىڭ خىتايغا باغلانغان قىمار ئەپ دېتاللىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مىنىستىرلىقىغا مەزكۇر ئەپلەرنى «ئالاقە تېخنىكىسى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تاقاشنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 138 قىمار ئەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 232 ئەپ دېتالىنى تاقاش مۇساپىسى باشلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالاقە تېخنىكىسى قانۇنى ھۆكۈمەتكە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىدىغان بولۇپ، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن خىتاينىڭ تىك توك، ئۈندىدار قاتارلىق داڭلىق ئەپلىرىنى چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر