ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نارازىلىقى نەتىجىسىدە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ياۋروپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى بىكار قىلدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ «سىياسەت تورى» غا ئېيتىشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئۆزىنىڭ پارىژ ۋە بىريۇسسېل قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى زىيارەت سەپىرىنى بىكار قىلغان. خەۋەردە ئانالىز قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارنى قارشى ئالماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن ئىكەن.
«سىياسەت تورى»نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يوللانغان نارازىلىق ئېلخەتلىرى جاۋابسىز قالغان. ئەسلىدە ئەركىن تۇنىياز بۇ دۈشەنبە زىيارىتىنى باشلىماقچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنىلا لوندونغا بارىدىغان-بارمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئەركىن تۇنىياز تەكلىپكە بىنائەن ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، 21-فېۋرال بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، باش ئىشتابى نىيۇيوركقا جايلاشقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ 10-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، پات يېقىندا ئەنگلىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ