شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر تاشيول خىتايغا تۇتاشتۇرۇلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى خىتايغا توشۇش پىلانى بويىچە، قومۇل شەھەر رايونىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يامانسۇ كان رايونى ئۆلكە يولى 245-لىنىيەسىنىڭ قۇمۇلدىن-دۇنخۇاڭغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن. ئاخىرقى نۇقتىسى شەرقىي تۈركىستان-گەنسۇ چېگراسىدا گەنسۇ ئۆلكىسى پىلانلىغان ئۆلكە يولى 240-لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدىكەن.

بۇ تۈرنىڭ 2-بۆلەك قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان خىتاي قاتناش 1-تاشيول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆلكە يولى 245-لىنىيەسى قۇمۇل-دۇنخۇاڭ قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۈردە 10 ئايدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق يول ئۇلى قۇرۇلۇشى ۋە كۆۋرۈك-سۈڭگۈچ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. ھازىر يول يۈزى قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يىل 9-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەق مەيداندا 20 يۈرۈش قۇرۇلۇش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى ئىش باشلىغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان ياشلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، خىتايلارنىڭ بىمالال، تېز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە، ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلارنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1117 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2023 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق