كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى 13-فېۋرال ب د ت نى ئۆزلىرى بۇلتۇر ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەمەلدارى تىرانا ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ۋولكېر تۈرك ئۆتكەن يىلى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىشقا بەل باغلىغان. مەزكۇر دوكلات ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا مىشېل باچېلېتنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلىنغانىدى.
تىرانا ھەسەن مۇخبىرغا: «ۋولكېر تۈركنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان خالىغانچە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېر، تۈرمىلەر ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ