كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جىددىي ياردەم سەپەرۋەرلىكى تەشكىللەپ، تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم قولىنى سۇندى.
6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش قاتارلىق 10 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان مۇھىم بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىيە خەلقى بىلەن دىنىي قېرىنداش ۋە قانداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى غۇربەتچىلىك ئەھۋالىغا قارىماستىن تۈركىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا.
كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كانادا ئۇيغۇر مەسچىتى ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بىرلىكتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاپەت رايونىغا ياردەم توپلاش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلدى ۋە بىر ھەپتە ئىچىدە ئاپەت رايونىغا جىددىي ياردەم بېرىپ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم توپلىدى ۋە نەتىجىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يىغىلغان ياردەم سوممىسى 12100 دوللارغا يەتتى.
12-فېۋرال كانادا ئۇيغۇر مەسچىتى ئىمامى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئىبراھىم داموللام ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ئەزاسى پەرمان تۇردۇش ئەپەندى قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق دىنىي ئىشلار باشقارما مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، يىغىلغان 12100 دوللارنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ