2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ 12-فېۋرال ۋاپات بولغانلىقى ئېنىقلاندى.
ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز 2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ توققۇز پەرزەنتى ۋە ئايالى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلى تايلاند دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ چىققان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايال ۋە پەرزەنتلىرى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
مەرھۇم ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالى ۋە توققۇز پەرزەنتى شۇ قاتاردا تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە تۇرۇۋاتقانىدى.
2017-يىلى تايلاند تۈرمىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ كېلىپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى 2015-يىلى مەرھۇم ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز بىلەن ئالتە ئاي تايلاند تۈرمىسىدە بىر كامېردا تۇرغانلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ 2019-يىلى تۈرمىدە يېتىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدىن قېچىپ، تايلاند چېگراسىدىن چىقىپ بولغۇچە تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەرھۇمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان تاماقلىرى ناچار ۋە ئاز بولغاچقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېسەل باسقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا تۈرمە ساقچىلىرى ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزنى نامەلۇم باھانىلەر بىلەن ئۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قازا قىلىشىغا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەن جازاسى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ مېيىت نامىزى 14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن باڭكوكتىكى ھارۇن مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن.
تايلاندتا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 52 دىن 56 گىچە بولۇپ، ئۇلار تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇزۇن مۇددەت سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى خىتاي بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بېسىم قىلىپ تۇرۇش نەتىجىسىدە، تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.
2022-يىلى تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ۋە بۇ خەۋەر مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ