6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى ياردەم خىزمەتلىرىنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 14-فېۋرال قەھرىمانماراش ۋە ھاتايدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى جىددىي ھالدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىر قانچە ئورۇندا داۋاملاشتۇردى.
بۈگۈن قەھرىمانماراشتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تارقىتىش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قىلدى.
ھاتايدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي داۋام قىلغان بولۇپ، بىرىنچى گۇرۇپپا خارابىلىك ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى. ئىككىنچى گۇرۇپپا ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە يېمەكلىك تارقاتتى. ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا ئۇيغۇر پولۇسى ۋە سۇيقاش ئېتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەمدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان كىشىلەرگە تاماق تارقاتتى.
شۇنداقلا قەھرىمانماراش ۋە ھاتايدىكى ياردەم خىزمەتلىرىگە قەيسەرى، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن تەشكىلات سۈپىتىدە ياكى شەخس سۈپىتىدە كېلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كېچە-كۈندۈز جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.
6-فېۋرال تاڭ سەھەر سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئىككى رايونىدا ئايرىم-ئايرىم 7.7 ۋە 7.6 بال، گازىئانتەپ ۋىلايىتىدە 6.4 ۋە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا كىلىس، دىياربەكىر، ئادانا، ئوسمانىيە، شانلىئۇرفا، ئادىيامان، مالاتيا ۋە ھاتاي قاتارلىق سەككىز ۋىلايىتىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن. ھازىرغا قەدەر قازا قىلغانلار 31974 گە، يارىلانغانلار 80278 غا يەتكەن. جەمئىي 12141 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي داۋاملاشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ