خىتاي نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى

خىتاينىڭ پورت شەھىرىگە يېقىن دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم بايقالغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۇنى ئېتىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز-ئوكيان تەرەققىيات ئىدارىسى قىسقا ئۇچۇر تارقىتىپ، پورت شەھىرىگە يېقىن دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم نىڭ بايقالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇنى ئېتىپ تاشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي پېڭ بەي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ چىڭداۋ جىمو رايونلۇق دېڭىز-ئوكيان تەرەققىيات ئىدارىسى پورت شەھىرىگە يېقىن دېڭىزدا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ھەققىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلارنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقى، يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچىلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

12-يانۋار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىنى نەقىل قىلىپ، نامەلۇم جىسىمنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى بوخەي دېڭىزىغا يېقىن جايدا بايقالغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى ئېتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بەشبۇرجەكلىك بىنا جۈمە كۈنى ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئىككىنچى قېتىم يەنە نامەلۇم جىسىمنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ئەمما بۇ جىسىم توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەنىدى. شۇنداقلا ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدونىڭ بۇيرۇقى بىلەن كانادانىڭ يۇكون رايونىدا بايقالغان يەنە بىر نامەلۇم ھاۋا شارى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2023 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق