ئۇيغۇرلار ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمىتىنى جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا

6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى ياردەم خىزمەتلىرىنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 12-فېۋرال ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان ئۈچىنچى تۈركۈم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە تارقاتتى.

10-فېۋرال كەچتە يولغا چىققان ئۈچىنچى تۈركۈم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى ئون تاغار يوتقان ۋە كىيىم-كېچەك، 3000 ئۇيغۇر نېنى ۋە ئۇندىن باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى قەھرىمانماراشتىكى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ۋە ھاتايدىكى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى مەزكۇر رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تارقىتىش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىشتىن باشقا، پىدائىيلار تەييارلىغان تاماقلارنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تارقاتماقتا.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىدىن مەردان ئۇيغۇر ۋە ئەرشىدىن ئىدىقۇت ئاپەت ئېغىر بولغان قەھرىمانماراش ۋە ھاتاي ۋىلايىتىدە تۇرۇپ مەلۇمات بېرىپ، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشخانىسىدا 10-20 مىڭ كىشىلىك تاماق چىقىرىش پىلانلانغانلىقىنى، تاماق كۈندە ئۈچ ۋاق چىقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇ گۇرۇپپىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئاپەت بولغاندىن بۇيان ئارقا سەپ خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاپەت رايونىدا تارقىتىلغان يوتقان، كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىپ تەييارلىغان. نۆۋەتتە جەمئىيەت يەنە ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن، خانىم-قىزلارنى پېچىنە-پىرەنىك، بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا تەشكىللىگەن.

ئۇندىن باشقا تۇنجى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا بارغان قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى پىدائىيلار ئۈچىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا بارغان پىدائىيلار بىلەن ئالمىشىپ، بۈگۈن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. بۇلارنىڭ قاتارىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش، ماددىي ياردەم يەتكۈزۈش، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىپ ئۆتتى ۋە كېيىنكى تۈركۈمدە بارغان پىدائىيلار گۇرۇپپىسىنىڭ جىددىي ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 31 مىڭ 643 كە، يارىلانغانلار 80 مىڭ 278 غا يەتكەن بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ 12141  ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى فۇئات ئوكتاي تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھازىرغا قەدەر تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ 158 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە رايوندا 308 ئورۇندا ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاپەتنىڭ سەككىزىنچى كۈنىمۇ يەنە ھايات قالغانلارنىڭ چىقىپ تۇرۇشى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 920 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2023 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق