قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋەكىللىرىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز 11-فېۋرال شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن بىر قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن ئاتالمىش سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىق ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن كۇبا، سۇدان، سېنېگال، كوتېدىۋويرې، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندا، ھەر دائىمقى سەپسەتىلەر بىلەن: «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى، شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈردى ۋە قوغدىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقان خىتاينىڭ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل زىيارەت قىلماقچى بولغان چەت ئەل مۇخبىرلىرى ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، زىيارەتچىلەرگە ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دېپىنى چالىدىغان ياسالما ئۆمەكلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلارنى چەتئەللەردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا ياللاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپ تىللىق رەسمىي قانال ۋە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: خىتاي بۇ يالغانچىلىقتا قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى دېيىشكە بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى رەۋىشتە ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، دېيىشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1388 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2023 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق