ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالتە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىغا مۇناسىۋەتلىك ئالتە خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا تارماقلىرى خىتاينىڭ بەش شىركىتى ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالەم قاتنىشى پىلانىنى قوللايدىغان بىر تەتقىقات ئورنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە سابىق پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ بۇ تىزىملىكتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاپ، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلگەن.

ئامېرىكا سودا ۋە ئېكسپورت ئىشلىرىنىڭ مەسئۇل ياردەمچىسى ماسيۇۋ ئاكسېلرود: «بۇ قېتىمقى خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش قارارى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ 40 نەچچە دۆلەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان جاسۇسلۇق شارىنى بايقاش ۋە توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگىنى بېيجىڭ نەنجياڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى چەكلىك شىركىتى، خىتاي ئېلېكتىرون تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى 48-تەتقىقات ئورنى، دوڭگۈەن يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالتە شىركەت ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 651 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2023 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق