ئۈچىنچى تۈركۈم قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى

6-فېۋرال قەھرىمانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 10-فېۋرال كەچتە يەنە ئاپەت رايونىغا ئۈچىنچى تۈركۈم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى يولغا چىقىپ، بۈگۈن چۈشتە ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى. 

دەسلەپكى كۈندىن بۇيان قەھرىمانماراشتا تۇرۇۋاتقان 30 كىشىلىك قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلار رايونغا ئەۋەتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تارقىتىش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىشتىن باشقا، پىدائىيلار تەييارلىغان تاماقلارنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تارقاتماقتا.

65 كىشىلىك ئىككىنچى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ھاتايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ خارابىلىك ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش، ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە تاماق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن جىددىي ئىشلىمەكتە.

10-فېۋرال كەچتە يولغا چىققان ئۈچىنچى قېتىملىق قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا ئون تاغار يوتقان، 3000 ئۇيغۇر نېنى ۋە ئۇندىن باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بارغان.

 

شۇنداقلا يەنە 10-فېۋرال كەچتە ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ئۇستازلاردىن ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم، مەمتىمىن مەخسۇم ھاجىم ۋە ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت قەھرىمانماراشقا ۋە ھاتايغا يېتىپ بېرىپ، ئالدىنقى سەپتە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان پىدائىي ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ۋە پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۇلارغا ئىلھام بەردى.

بۇ خەۋەر 1227 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2023 20:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق