دوكلات: خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلماقتا

ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 9-فېۋرال يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارشى «سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتنى تەييارلاشقا ھەمكارلاشقۇچى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى رېچىل ھارىس گېرمانىيە ئاۋازىغا: «خىتاينىڭ قىلمىشى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئېيتقاندەك، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارتىۋېلىش ۋە يوقىتىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى كونكرېت مىللەتلەرنى بىۋاسىتە نىشانلىغان بولىدۇ، بۇ بىر مەدەنىيەتكە قارشى قىلىنغان ئۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بىر مىللەت ۋە شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش» دېگەن.

دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 12 مۇقامى، مەشرەپ ئەنئەنىسى، كارىزلىرى ۋە قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانى قاتارلىق مەدەنىي مىراسلىرىنى چەكلىگەنلىكى، ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ياكى ۋەيران قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، مەزكۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەندەك قىرغىنچىلىق تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان «سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باشقۇرۇشنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى بىلەن شېرىكلەشكەن سودىگەرلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرغانلىقى، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت قورالى ۋە تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ ۋەيران قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2023 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق