كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنى كېلەر ھەپتە ئەنگلىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىيازنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باش ئىشتابى نىيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 10-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، پات يېقىندا ئەنگلىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەركىن تۇنىياز تەكلىپكە بىنائەن كېلەر ھەپتە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، 21-فېۋرال بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
گەرچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرگە ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ، ئۇلاردىن نامايىش قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرىئان زېنز پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان «ساقچى دائىرىلىرى ھۆججىتى» دە ئەركىن تۇنىياز 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سۆز قىلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن «مۇتلەق بىخەتەرلىك» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىن قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ قولى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بۇ ماڭقۇرت ئەمەلدارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەكىتلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە بىمالال زىيارەتتە بولۇشى ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشىغا يول قويۇلۇشى ئالدى بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە ۋە بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ خىتايدەك مۇستەبىت رېجىمغا ۋە ئۇنىڭ قول چوماقچىلىرىغا تېخىمۇ جاسارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ