جازا لاگېرلىرى تۇتقۇنلىرىغا ئالاقىدار ئىزدەش ماتورى ئېلان قىلىندى

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار زور تۈركۈمدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇلانغان ئىزدەش ماتورىنى ئېلان قىلدى.

ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان گېرمانىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا ئالاقىدار بەش مىليون سانلىق مەلۇمات، 730 مىڭ كىشىنىڭ ئارخىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىزدەش ماتورىنى (https://www.xinjiangpolicefiles.org/person_search/) ئېلان قىلدى.

بۇلتۇر ماي ئېيىدا BBC قانىلى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئارخىپلىرىدىن ئېرىشىلگەن جازا لاگېرىدىكى 2900 غا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرەتلىرى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ جازا لاگېرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلارنى ئىككىلەنمەي ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدە چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تۈركۈمدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانىدى. خاككېرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەن مەزكۇر ئۇچۇرلار باشتا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى BBC غا تەمىنلەپ بەرگەنىدى.

بۇ قېتىم ئىزدەش ماتورىغا ئېچىۋېتىلگەن مەلۇماتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا ئالاقىدار بەش مىليون ئۇچۇرنى رەتلەش، 730 مىڭ شەخسنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش نەتىجىسىدە تەييارلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى تېكەس ناھىيەسى ۋە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئىكەن. ئادرېيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تولۇقلىمىسى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئېچىۋېتىلگەن تور بەتكە خىتايدىكى كىملىك نومۇرى ياكى خىتايچە ئىسمىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئامباردا مەۋجۇت بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلەيدىكەن. ھازىرغا قەدەر نەچچە ئونلىغان كىشىلەر بۇ تور بەتتىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1003 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2023 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق