ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبلىك، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان بارلىق كامېرالارنىڭ بىنالىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ت ر ت خەۋەرنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس Richard Marles ئاۋىستىرالىيە رادىيو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغان.
مارلېس خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىگە تەۋە بارلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بىنادىكى باشقا كامېرالار ئىچىدە، خىتايدا ياسالغان كامېرالار بايقالغان ھامان ئېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تېخنىكا شىركىتى خەيكاڭ ۋە داخۇا ئىشلەپچىقارغان كەم دېگەندە 913 كامېرا، ئىچكى ئالاقە تېلېفونلىرى، ئېلېكتىرونلۇق كىرىش سىستېمىسى ۋە سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن باشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
2022-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بەش تېخنىكا شىركىتىدىن «يېڭى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى» نى ئىمپورت قىلىشنى ۋە سېتىشنى چەكلىگەنىدى. مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ۋە سېتىلىشى چەكلەنگەن تېخنىكا شىركەتلىرى ئىچىدە خۇاۋېيدىن باشقا يەنە جۇڭشىڭ، خەيكاڭ، داخۇا ۋە خەينېڭدا قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
ئاۋستىرالىيە ئىلگىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭG 5 مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ