6-فېۋرال قەھرىمانماراش قاتارلىق 10 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى ھەم ئالدىنقى سەپتە، ھەم ئارقا سەپتە ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.
دەسلەپكى كۈندىن بۇيان قەھرىمانماراشتا تۇرۇۋاتقان 30 كىشىلىك قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە قەھرىمانماراشنىڭ كادىرئوغلۇ ناھىيەسىدە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تاماق ئېتىپ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزگەندىن باشقا، رايونغا ئەۋەتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا تارقىتىش خىزمەتلىرىنى قىلماقتا ۋە بۇ جەرياندا كۈندە 5000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ تارقاتماقتا. 65 كىشىلىك ئىككىنچى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بولسا ئاپەت ئەڭ ئېغىر رايونلاردىن بىرى بولغان ھاتايدا ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىكى خانىم-قىزلار ۋە خانىم ئۇستازلار ئۇيۇشمىسىدىكى خانىملارمۇ ئورتاق قارار چىقىرىپ، يەر تەۋرەش رايونىغا ياردەم توپلاش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ۋە 7-فېۋرال 70 مىڭ تۈرك لىراسى ۋە 400 دوللار نەق پۇل ياردەم توپلاپ، كۆك ئاي جەمئىيىتى ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن ۋە 9-فېۋرال ئاپەت رايونىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن قىز-ئاياللار، بالىلار ئۈچۈن قىشلىق كىيىم-كېچەك، تازىلىق بۇيۇملىرى، يوتقان، ئەدىيال، كېپەنلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغىپ، ئاياللار ئۈچۈن 1000 غا يېقىن يېپىنچا، 2000 دىن ئارتۇق ئىچ كىيىم، 200 دىن ئارتۇق شارپا، 100 تالدىن ئارتۇق قىشلىق كىيىمى، 20 يەشىك تازىلىق بۇيۇمى يەتكۈزگەن.
ئۇندىن باشقا بالىلار ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق قىشلىق چاپان، 100 جۈپ ئاياق، 100 دىن ئارتۇق باش كىيىمى ۋە شارپا، 200 دىن ئارتۇق قىشلىق چاپان، بىر قانچە يەشىك شاكىلات ۋە تاتلىق-تۈرۈم، ئەرلەر ئۈچۈن 100 تال يۇڭ شارپا، 60 تالغا يېقىن ئەرەنچە ئىشتان ۋە شۇنداقلا تەييار چۆپ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ ئەۋەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەر تەۋرەش رايونىدىكى چېدىرلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن يۇڭ، پاختا كۆرپە تىكىش، ئاياللارغا قېلىن ئىشتان ۋە كۆينەك تىكىش پىلانى بويىچە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ بىلەن رەخت تەمىنلىنىش ھەققىدە ھەمكارلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ كېلىنگەن رەختلەر بىلەن نۇزۇگۇم، ھىرا تىككۈچىلىك ئىشخانىسى، سېلىمپاشا ئاياللار تىككۈچىلىك ئىشخانىسىدا جىددىي كىيىم تىكىلىشكە باشلىغان، شۇنداقلا يوتقان-كۆرپە تىكىش ئۈچۈنمۇ كۆپ مىقداردا يۇڭ ۋە پاختا سېتىلىۋىلىنغان.
ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەنە ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىن تەشكىللىنىپ بارغان باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ياردەم بۇيۇمى يەتكۈزۈش، تاماق ئېتىش ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا خىزمەت قىلماقتا.