ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش تەقلىد قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئارمىيەسى 8-فېۋرال نېۋادا ئىشتاتىنىڭ غەربىدىكى نېللىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. بۇ مانېۋىردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىنكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھاۋا بوشلۇقى جېڭى تەقلىد قىلىنغان.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى «قىزىل بايراق» يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك ھاۋا بوشلۇقى جەڭ مانېۋىرىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك خاچىنسېن: «ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما خىتاي بىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، بىز مەشىق قىلىپ تەييارلىق قىلىمىز. ئەگەر بىز خىتايغا قارشى تەييارلانساق، بىز ھەر قانداق كۈچكە قارشى تەييارلىق قىلغان بولىمىز دەپ ئويلايمەن» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى قىلغان. دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىنى «قىزىل بايراق» يۈرۈشلۈك ئالىي دەرىجىلىك ھاۋا بوشلۇقى جەڭ مانېۋىرىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
2021-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە «AUKUS» ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەگە ئىنتايىن سەزگۈر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنى ئورتاقلىشىپ، ئاۋسترالىيە ئۈچۈن سەككىز ئامېرىكا ۋىرگىنىيە دەرىجىلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ياساپ بېرىش ھەمدە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دېڭىز-ئوكيان كۈچىگە تايىنىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ