ئىران پىرېزىدېنتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش قانۇنىنى ئىمزالىدى

ئىران پىرېزىدېنتى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش قانۇنىنى يولغا قويدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسي 7-فېۋرال بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار قانۇنلارنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىران ھۆكۈمەت ئورگان تورى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسىي شۇ كۈنى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش قانۇنىنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يولغا قويۇشىغا تاپشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

باياناتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە پائال پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، ئىران رەسمىي ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدايدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئىراننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى  -2022يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمە ئىمزالانغان. ئىران پارلامېنتى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش قانۇن لايىھەسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىران ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2023 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق