ۋۇخەندىكى خىتاي پۇقرالىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا ئېتىراز بىلدۈردى

ۋۇخەندە پېنسىيەگە چىققۇچىلار يىغىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى ئازايتىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 9-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلەر بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ۋۇخەن شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پىنسىيەگە چىققۇچىلار بولۇپ، ئۇلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئازايتىلغانلىقىغا نارازى بولۇپ، پايدىلىق دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىرىلغانلىقىغا قارشى تۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەننىڭ مەركىزىدە چوڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان. يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار دائىرىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئازايتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

تىۋىتتېر ھېساباتىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، 8-فېۋرال ۋۇخەندىكى ئونمىڭلىغان پىنسىيەگە چىققان خىتايلار كوچىلارغا چىقىپ، كومپارتىيەنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. كىشىلەر نەق مەيداندا زۇلۇمغا قارشى مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشچە، ئەسلىدە پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھېسابىغا ئايدا 260 يۈەن كىرىدىغان بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئۇنى كېمەيتىپ 83 يۈەن قىلىپ بېكىتكەن. ئۇندىن باشقا پۇقرالارنىڭ داۋالىتىش سۇغۇرتىسىغا ئاساسەن ھەر يىلى 4000 يۈەن ئاتچوت قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا پەقەت 1300 يۈەن ئاتچوت قىلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ داۋالاش سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى بەزى دورىلار بۇ دائىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 661 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2023 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق