خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تېلېفون سۆھبەت تەكلىپنى رەت قىلغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن كۈنى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ تېلېفون سۆھبەت تەكلىپىنى رەت قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رايدېر ئامېرىكىنىڭ ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق قىلىش ۋەدىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ باياناتتا يەنە بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا ئىككى تەرەپ ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت تەكلىپنى رەت قىلىش قىلمىشىدىن ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي جۈمە كۈنى جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى تېخىمۇ قاتتىق بولغان. خىتاي جاسۇسلۇق شارى ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى ئۇقتۇرمىغان. ئەكسىچە ئامېرىكىنى جاسۇسلۇق شارىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. مەزكۇر جاسۇسلۇق شارى ئالدى بىلەن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگەن بولۇپ، ئاندىن كانادا تەۋەلىكىگە كىرگەن. ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكىغا كىرىپ سەزگۈر ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇ ئىشنى تاسادىپىي ھادىسە دەپ دەۋا قىلىشنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ