خىتاينىڭ ئاپەت رايونىدىكى نومۇسسىزلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتايدىن كەلگەن ئاتالمىش «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى» ئىچىدىكى خىتايلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە خەلقىنى پۇل ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

8-فېۋرال تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىن كەلگەن ئاتالمىش «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىسى»دىكى خىتاي مۇخبىرلار پۇل ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە خەلقىنى نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

مەزكۇر سىندىكى تۈرك كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بىر پەيتتە، كامېرا ۋە مىكروفون تۇتقان ئۈچ خىتاي ئۆزلىرىنى خىتايدىن كەلگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرلىرى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئاپەت سەۋەبلىك كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئارقىدىن بۇ كىشىدىن: «كىشىدىن نېمە ئىشلار بولدى؟ ھۆكۈمەت سىلەر ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟» دەپ سورىغان.

ئۇ كىشى: «بۇ ئاللاھتىن كەلگەن ئاپەت، بىز تۈرك خەلقىنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ئېھتىياجىمىز يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇنىڭ بىلەن خىتايلار: «گېپىڭىزگە قارىغاندا سىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ كىشى: «مەن پەقەتلا بىر تۈرك خەلقىنىڭ ئەزاسى، ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، بىزدە پارتىيە ئايرىمچىلىقى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتايلار ئاخىرى رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ ئۇ كىشىگە پۇل سۇنۇپ تۇرۇپ: «ھۆكۈمەت ھەققىدە بىر-ئىككى جۈملە سۆزلەپ بەرمەمسىز؟ سىزنى رازى قىلاتتۇق» دېگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشى ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىزلىقىدىن غەزەپلىنىپ، «كۆزۈمدىن يوقىلىش» دەپ ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن.

نۆۋەتتە بۇ سىن تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خىتاي رېجىمى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەگە ياردەم بېرىش نامىدا 90 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىككى گۇرۇپپا خادىملىرىنى ئەۋەتكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1352 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق