ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تىبەت-خىتاي توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئەزالىرى «خىتاي-تىبەت توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مىككول قاتارلىق ئىككى پارتىيە ئەزالىرى «خىتاي-تىبەت توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن دالاي لاما ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

مايكىل مىككولنىڭ ئىشخانىسى 8-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخى ھەل قىلىنمىغان توقۇنۇشنى توغرا ھەل قىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، بۇ تەكلىپ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2010-يىلىدىن باشلاپ توختاپ قالغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرى دالاي لاماغا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئورۇنسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايكىل مىككول يەنە خىتاينىڭ تىبەت خەلقىگە داۋاملىق زۇلۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلغانلىقىنى، تىبەت خەلقى ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ئۇلارنى خالىغانچە تۈرمىگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2023 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق