باڭلادىش خەلقى غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزگەن

باڭلادىش مۇسۇلمانلىرى غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاينى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئاسىيا خەلقئارالىق خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-فېۋرال باڭلادىش مۇسۇلمانلىرى غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتايغا قارشى بىر قاتار نامايىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن.

مەزكۇر نامايىشلارغا باڭلادىش ئىسلامىي ئالدىنقى سېپى تەشكىلاتى، BSS  پاراۋانلىق جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئۆلىمالار، پائالىيەتچىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. نامايىش ئوخشىمىغان جايلاردا بايانات ئېلان قىلىش، ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈش قىلىش، پىيادە يۈرۈش قىلىش، ئادەم زەنجىرى ھاسىل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشقان.

نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلاشقان ۋە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

باڭلادىش مۇسۇلمانلىرى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلمەكتە ۋە ئالاھىدە كۈنلەردە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن نامايىش تەشكىللەپ، خىتايدىن جىنايەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2023 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق