شىۋېيتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيۋەن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى زىيارەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى دوستلۇق گۇرۇپپىسى 6-فېۋرال تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن بىلەن كۆرۈشكەن. زىيارەت گۇرۇپپىسى شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، چەت ئەل دېموكراتىك دۆلەت سىياسىيونلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نەنسى پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى خىتاينى غەزەپلەندۈرگەن بولۇپ، زىيارەتكە جاۋابەن كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى تەيۋەن ئەتراپىدا ئۇچۇرتۇپ، دېڭىز تەۋەلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانىدى.
تەيۋەننى زىيارەت قىلغان شىۋېيتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى فابىيان مولىنا پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەندە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىگە تەيۋەن بىلەن سودا، سىياسەت، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
شىۋېيتسارىيە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا خادىملىرى زىيارەتتىن ئىلگىرى پارلامېنت ئەزالىرىنى تەيۋەن تەرەپ بىلەن ھەر قانداق تەرىقىدە رەسمىي ئالاقە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ