ئاپەتتە قازا قىلغانلار كۆپەيمەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم خىزمىتى داۋاملاشماقتا

6-فېۋرال سەھەردە تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش، گازىئانتەپ، ھاتاي قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە قاتتىق يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بەردى ۋە قازا قىلغان، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

6-فېۋرال تاڭ سەھەر سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئىككى رايونىدا ئايرىم-ئايرىم  7.7 ۋە 7.6 بال، گازىئانتەپ ۋىلايىتىدە 6.4 ۋە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا كىلىس، دىياربەكىر، ئادانا، ئوسمانىيە، شانلىئۇرفا، ئادىيامان، مالاتيا ۋە ھاتاي قاتارلىق سەككىز ۋىلايىتىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىدى ۋە مىڭلىغان كىشىنىڭ قازا قىلىشى، ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر قازا قىلغانلار 7108 گە، يارىلانغانلار 40910 غا يەتكەن. جەمئىي 5775 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.

بۇ پاجىئەلىك ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 6-فېۋرال جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دەسلەپكى قەدەمدە 30 كىشىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسىنى ئاپەت ئېغىر بولغان قەھرىمانماراشقا يولغا سالغانىدى. ئۇندىن باشقا يەنە 150 ئۇيغۇر «جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى»گە پىدائىي بولۇپ تىزىملاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەر تەۋرەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن «جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى»دىكى پىدائىيلار قەھرىمانماراشتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى داۋام قىلغان. بىر گۇرۇپپا سىرتتىن ياردەمگە كەلگەن ماددىي بويۇملارنى چۈشۈرۈپ تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان. يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن بىرگە خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشكەن.

قەھرىمانماراشتىكى يەر تەۋرەشتە قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇللاھ ئالىمنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىش مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قايغۇغا سالدى. ئۇندىن باشقا قەھرىمانماراشتا ئىز-دېرىكى بولمىغان قىز رۇقىيە نۇرمۇھەممەد تېپىلغان بولۇپ، يانفونىنىڭ توكى قالمىغانلىقى سەۋەبلىك باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغان.

نۆۋەتتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدىن ئاپەت رايونىغا بارغان مۇخبىرىمىز نەق مەيداندا تۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق