«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» خىتاي جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى داۋىد ئىگناتىئۇس ئاخبارات ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا، خىتاي ئارمىيەسى ياكى ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان. چۈنكى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق تەدبىرى ئورنىتىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن ياكى باشقا مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش ئىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ يەنە بىر ئوبزورچىسى ئىشان تارورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جاسۇسلۇق شارى ۋەقەسى ئامېرىكىغا قارىغاندا خىتايغا تېخىمۇ كۆپ زىيانلىق ئىكەن. بېيجىڭ بۇ يىل تېخىمۇ دوستانە پوزىتسىيە ئارقىلىق خىتايغا قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق ۋەھىمە ۋە نارازىلىقىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلغان. بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىم قىلماقچى بولغان خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇ ۋەقە ئەكسىچە ئىككى تەرەپ زىددىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.
ئىشان تارورنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جاسۇسلۇق شارلىرى ھەققىدە ھەقىقەتەن ھېچنەرسە بىلمىسە، بۇ ھالەت باشقىلارنىڭ كاللىسىدا «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى گۇرۇپپىلار جاسۇسلۇق شارى ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ