خىتاي رېجىمى: ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىرلىكسەپ بۆلۈمى 4-فېۋرال -2023يىللىق بىرلىكسەپ، مىللەت-دىن خىزمىتى يىغىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا تەكىتلەنگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىرلىكسەپ بۆلۈمى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى 4-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى قورچاق ئەمەلدار ئىلزات ئەخمەتجان ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن.

ئۇ يىغىندا: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، سىياسەت-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى قوللاپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن ماددىسى ئارقىلىق 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغانىدى.

خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان. خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق يىغىنىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1394 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2023 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق