ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار شەھىرىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار شەھىرىدە 3.2  بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:28 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.30 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.65 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى دائىمقىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1984 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2023 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق