ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى لوۋىي ئىنستىتۇتى (Lowy Institute)يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە قاتتىق چەكلەش سىياسىتى خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئومۇمىي كۈچىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش سۈرئىتى توختاپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىنستىتۇت 2018-يىلى تۇنجى قېتىم «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كۈچ كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتتا، خىتاي نۇرغۇن ساھەدە مۇقىم ھالدا ئامېرىكىغا يېتىشىۋالغان، ھەتتا قىسمەن ساھەدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 6-فېۋرال ئېلان قىلغان دوكلاتتا بولسا بۇ ھالەت ئۆزگەرگەن بولۇپ، خىتاي ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە رەقىبلىرىدىن ئېشىپ كېتىشى ناتايىن ئىكەن.
2023-يىللىق «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كۈچ كۆرسەتكۈچى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى 26 دۆلەت ۋە رايون تەھلىل ئوبيېكتى قىلىنغان. بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىساد، ھەربىي ئىقتىدار ۋە دىپلوماتىك تەسىر قاتارلىق سەككىز ساھەدىكى ئۇنىۋېرسال كۈچى باھالاپ چىقىلغان. باھالاپ چىقىش نەتىجىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى 80.7 نومۇرغا (تولۇق نومۇر 100 نومۇر) ، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى 72.5 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرق 8.2 نومۇر بولغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ