تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار كۆپەيمەكتە، يەنە 150 ئۇيغۇر ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى

 6-فېۋرال سەھەردە تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش، گازىئانتەپ، ھاتاي قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەنە قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر پاجىئە يۈز بەردى ۋە قازا قىلغان، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە.

6-فېۋرال تاڭ سەھەر سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئىككى رايونىدا ئايرىم ئايرىم ۋىلايىتىدە 7.7 ۋە 7.6 بال، گازىئانتەپ ۋىلايىتىدە 6.4 ۋە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا كىلىس، دىياربەكىر، ئادانا، ئوسمانىيە، شانلىئۇرفا، ئادىيامان، مالاتيا ۋە ھاتاي قاتارلىق سەككىز ۋىلايىتىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىدى ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. قۇتقۇزۇش، ئىزدەش خىزمەتلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

نۆۋەتتە ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3381 گە، يارىلانغانلار 20426 گە يەتكەن. جەمئىي 5775 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار 8000 دىن ئاشقان ۋە ھېلىھەم ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.

بۇ پاجىئەلىك ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۈنۈگۈن جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دەسلەپكى قەدەمدە 30 كىشىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت ئېغىر بولغان قەھرىمانماراشقا يولغا سالغانىدى.

6-فېۋرال كەچتە تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ چاقىرىقى بىلەن يەنە 150 ئۇيغۇر «جىددى قۇتقۇزۇش ئەترىتى»گە پىدائىي بولۇپ تىزىملاتقان ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن بۈگۈن (7-فېۋرال) يەر تەۋرەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

نۆۋەتتە تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان پۈتۈن دۆلەتتە يەتتە كۈنلۈك دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلدى ۋە دۆلەت مىقياسىدا ۋە چەت ئەلدىكى كونسۇلخانىلاردا بايراقلارنىڭ يېرىمغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە 65 دۆلەت تۈركىيەدىكى ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقتا.

ئۇندىن باشقا قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنا ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئابدۇللاھ ئالىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بۈگۈن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى.

پۈتۈن تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتتىن ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن ئاپەت رايونىغا جىددىي ياردەملەر توپلانماقتا ۋە يوللانماقتا. شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ماددىي ياردەم ۋە باشقا ھەر تەرەپتىن سەپەرۋەرلىككە كەلگەن بولۇپ، ياردەملەر جىددىي توپلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1335 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2023 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق