خىتاي كەسپىي ئورۇنلاردىن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ نازارەتنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى قاتتىق كونترول ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، بارلىق كەسپىي ئورۇنلاردىن ئالاقىدار ئاپپارات، ئىشتات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن كەسپىي ئىشتات ۋە ئورۇنلارنى باشقۇرۇش ھەمدە كونترول قىلىش رەزىل مەقسىتىدە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلغان.

ئاتالمىش «چارە»دە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسپىي ئورۇنلار ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تەلىپى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئاپپارات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى، ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ۋە تارماقلار ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغانلار «ئاپپارات ئىشتاتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ھەرخىل ناملار بىلەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە چارىلىرىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى»مۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1627 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2023 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق