شەرقىي تۈركىستان ياردەم ھەيئىتى ئاپەت رايونىغا قاراپ ئاتلاندى

بۈگۈن سەھەردە تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش، گازىئانتەپ قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلغان بولۇپ، 30 كىشىدىن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئاپەت ئېغىر بولغان قەھرىمانماراشقا قاراپ ئاتلاندى.

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدە 7.4 بال، گازىئانتەپ ۋىلايىتىدە 6.4 ۋە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. ئۇندىن باشقا تۈركىيەنىڭ باشقا سەككىز ۋىلايىتىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن. 6-فېۋرال ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 13:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا 912 كىشى قازا قىلىپ، 5385 كىشى يارىلانغان، جەمئىي 2818 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى جىددىي ياردەم گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان قەھرىمانماراشقا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇندىن باشقا ئاپەت رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىز-دېرىكى يوقلارنى جىددىي ئىزدەش داۋاملاشماقتىكەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىستانبۇلدىن 18 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغانلىقىنى، كونيا ۋىلايىتىدىنمۇ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا  بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 30 كىشىلىك قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بولغانلىقىنى، بۇلار قەھرىمانماراشتىكى ئاپەت رايونىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى قاتارلىقلار تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپەتكە قارشى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدامۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپەت رايونىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ يولغا چىققانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن كۆك ئاي جەمئىيىتى ۋە پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە 45 دۆلەتمۇ ياردەم بېرىش تەكلىپىدە بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1272 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2023 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق