ئىستانبۇلدا مۇنازىرە ماھارەتلىرى تەربىيەلەش پىروگراممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇل 3-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە ئۈچ كۈنلۈك ئىنگلىزچە مۇنازىرە ماھارەتلىرى تەربىيەلەش ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار قاتناشتى.

ئىستانبۇلنىڭ ئارناۋۇتكۆي رايونىغا جايلاشقان زەينۇلئابىدىن يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىزچە مۇنازىرە ماھارەتلىرى تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ۋە مالايشىيا بەيتۇل ئەمانە ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تاللانغان 45 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

ئۈچ كۈن داۋاملاشقان تەربىيەلەش پىروگراممىسىدا ياشلارنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش، ئىپادىلەش ۋە مۇنازىرە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شۇنداقلا مىللىي روھىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، مالايشىيادىن تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتتى.

پىروگراممىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ياشلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-فېۋرال غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىغا قاتناشتى. پائالىيەتتىن كېيىن ياشلار ئارىسىدا مۇنازىرە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە ئىنگلىزچە ئىپادىلەش، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تىلنىڭ راۋانلىقى قاتارلىقلار ئاساس قىلىندى. مۇسابىقىدە نەتىجىسى ياخشى بولۇپ باھالانغان ياشلار ۋە گۇرۇپپىغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى ۋە ياشلارغا مەدەت بەردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى پىروگراممىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنگلىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ياشلارنىڭ ئۆزىنى توغرا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى، ئىنگلىز تىلدا خەلقئارادا داۋام قىلىۋاتقان مۇنازىرە ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كاللىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى رەتلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، نۇتۇق قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، پىروگراممىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1197 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2023 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق