خىتاي فىلىپپىنغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تۆت ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 3-فېۋرالدىكى ئاخبارات يىغىنىدا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: «ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى تۆت ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.

ماۋ نىڭ جاۋابىدا خىتاينىڭ ئەزەلدىن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا شەخسىي مەنپەئەتچىلىك تەپەككۇرى بىلەن بۇ رايوندا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ ھالەت رايوندا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن فىلىپپىن زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن 2014-يىلى ئىمزالىغان «مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى»نى (EDCA) كېڭەيتىشكە قوشۇلغان بولۇپ، فىلىپپىن تۆت ھەربىي بازا ئېچىپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويماقچى بولغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق بازىسىنىڭ ئومۇمىي سانى توققۇزغا يېتىدىكەن.

بۇ تۆت يېڭى بازىنىڭ ئورنى تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا يېقىن بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان. ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كورىيە ۋە ياپونىيەدىن جەنۇبتىكى ئاۋسترالىيەگىچە بولغان تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى بىخەتەرلىك بوشلۇقنى تولدۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2023 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق