خىتاي ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپ» يىپ ئۇچى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پاش قىلىش خەت ساندۇقى ۋە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئاتالمىش «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچى يوللىرى»نى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ باھانە بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكوم ئىشخانىسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ئىشخانىسى «ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر» ناملىق ھۆججەت بېسىپ تارقاتقان.

خىتاي ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچى يوللىرى»نى كېڭەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن بۇنى جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پاش قىلىش خەت ساندۇقى، تېلېفونى تەسىس قىلغان.

خىتاي رېجىمى ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپ قىلمىش»نى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىش، تىزىملاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بېجىرىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ھەرخىل ناملار بىلەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم باشلىغان ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچى يوللىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى»مۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1373 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2023 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق