ئىستانبۇلدا غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا 1997-يىلى 5-فېۋرالدا يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنى ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قاتتىق سوغۇق ۋە يامغۇرغا قارىماستىن نەچچە يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامايىشقا قاتناشتى. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلىپ، 73 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى باشلانغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بېرى خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغانلىقىنى، 1997-يىلى ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ چىققان يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە يېقىنقى يىللاردىن بېرى نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا يەنە: «ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ، بىزنى يالغۇز قويماقتا. بىز تۈركىيە باشلىق ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇندىن 26 يىل بۇرۇن غۇلجىدىكى بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇلارنى قايتا ئەسلىتىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلدى. ئۇ 1997-يىلى رامىزان ئېيىدىكى مۇبارەك كۈن - قەدىر كېچىسىدە يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۈگۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن غۇلجا قەتلىئامىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

ئۇندىن باشقا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېغىۋاتقان قارغا قارىماي، ئىستوكھولىمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيەدىمۇ 5-فېۋرال گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دام مەيدانىدا غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئ‍ۆتكۈزۈلدى.

بۇ خەۋەر 1362 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2023 20:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق