خىتاي كانادانىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 3-فېۋرالدىكى ئاخبارات يىغىنىدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭدىن: «كانادا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا 10 مىڭ ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ماقۇللىدى، خىتاي بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ ئەگەر بۇ قارار رەسمىي يولغا قويۇلغان تەقدىردە خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟» دەپ سورىغان.

ماۋ نىڭ سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى جەمئىيەت بىخەتەر ۋە مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلماقتا، خەلق تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەت قىلىش مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. بىز كانادا تەرەپنىڭ ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە يامان غەرەز بىلەن سىياسەت قىلىشنى توختىتىشىنى، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئاممىنى ئازدۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

-1فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا خىتايدىن قېچىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو، ئۇنىڭ كابىنېت مىنىستىرلىرى ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، نۆلگە قارشى 322 ئاۋاز بىلەن رەسمىي ماقۇللانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1405 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق