تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيە ئاۋازىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى چىن گاڭنىڭ يېڭىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋىتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىگىلىنىشچە، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى سۆھبەتتە يەنە چىن گاڭغا تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى سەزگۈر مەسىلە قاتارىدا كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 3-فېۋرال بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ سۆھبەت داۋامىدا ياخشى بولغان خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي تۈركىيەنىڭ كۆپ قېتىم بىر خىتاي سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»غا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ رايون ئىشلىرىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2023 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق