ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ۋە سەزگۈر ھەربىي رايونلاردا جاسۇسلۇق قىلغان  ھاۋا شارى بايقالغاندىن كېيىن، پىلاندىكى خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن كېلەر ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى. لېكىن خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقىلىشىدىن كېيىن، كېلەر ھەپتىدىكى بېيجىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ھەرقايسى ئورگانلار ئارا شېرىكلىرىمىزدىن باشقا پارلامېنت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بىز مىنىستىر بىلىنكېننىڭ خىتايغا زىيارەتكە بېرىشى ئۈچۈن نۆۋەتتە شارائىت ھازىرلانمىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلدۇق» دېيىلدى.

بىلىنكېن جاسۇسلۇق شارى كىرىزىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مېنىڭچە ھاۋا بوشلۇقى بۇنداق دەخلىگە ئۇچرىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت مۇشۇ تەرىقىدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش خىتايدا يۈز بەرگەن بولسا، بىلدۈرۈلىدىغان ئىنكاسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىلىنكېن يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئەمەلدارى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەت بولۇپ، خىتاينىڭ دەل مېنىڭ زىيارىتىمدىن ئىلگىرىلا بۇ قەدەمنى تاشلىشى، بىز ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەرگە زىيان يەتكۈزدى» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر بايدېننىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ جاسۇس شار ھەققىدە مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىنى ۋە پىرېزىدېنتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلىش قارارىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رېجىمى بولسا ھاۋا شارىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ شارنىڭ خىتاينىڭ پۇقراۋى ھاۋا شارى ئىكەنلىكىنى ۋە مېتېئورولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شامالنىڭ غەربكە قاراپ چىقىشى بىلەن كونتروللۇقتىن يوقىتىپ، ئۆز ئوقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2023 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق